لىتۋانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى

لىتۋانىيە پارلامېنتى 20-ماي خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ قارارنى چىقارغان 5-دۆلەت بولۇپ قالدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە، يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشكە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قايتا قاراپ چىقىشقا چاقىرغان.
لىتۋانىيە پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر قارارى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. پارلامېنت يەنە خىتاينى خوڭكوڭدا يولغا قويغان «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشقا ۋە تىبەتنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي بىلەن سۆھبەت باشلاشقا چاقىرغان. لىتۋانىيە باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ پارلامېنت مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان، ئەمما بېلەت تاشلىمىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قارارنى پارلامېنتقا سۇنغان پارلامېنت ئەزاسى دوۋىل ساكالىن(Dovile Sakaliene)ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇ پارلامېنتتا: «بىز دېموكراتىيەنى قوللايمىز، چۈنكى بىز كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا 50 يىل ياشىدۇق. بىز بۇ ئېچىنىشلىق ساۋاقلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، لىتۋانىيە 1940-يىلدىن 1991-يىلغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئېغىر كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى. لىتۋانىيە غەربنىڭ رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق كوممۇنىست دۆلەتلەرگە قارشى تېخىمۇ قاتتىق دىپلوماتىك تەدبىرلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا.

بۇ خەۋەر 1052 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2021 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق