تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار توققۇز مىڭغا چۈشتى (20-ماي)

20-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 9385 كە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 219مىڭ 192 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 9385 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 856 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 207 كىشى قازا قىلىپ، 9271 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 989 مىڭغا، قازا قىلغانلار 45626 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2041 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 873 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2021 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق