ئاۋسترالىيەدىكى نامايىش يەتتىنچى ھەپتىگە قەدەم قويدى

ئاۋسترالىيە ئادېلەيد شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ھەر جۈمە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئائىلەم قەيەردە» نامايىشى يەتتىنچى ھەپتىگە قەدەم قويغان بولۇپ، پىلان بويىچە داۋاملاشقان.
نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا ئادېلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قاتناشقان.
نامايىشچىلار جازا لاگېرىغا قامىلىپ، ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى، «خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان، شى جىنپىڭ، چىن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىجراچىلىرىنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن تاختايلارنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ رېشاتكىسىغا تىزىپ، «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە باشلانغان «ئائىلەم قەيەردە» نامايىشى تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە قەرەللىك داۋام قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 809 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2021 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق