ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش سىياسىتى داۋاملاشماقتا

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىئارام قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار مەجبۇرىي توي قىلىش سىياسىتىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.


بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدە خىتايلارنىڭ بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە كېلىپ، تويغا پۈتۈشۈۋاتقانلىقى، خىتاي «مېھمانلار»نىڭ قىز تەرەپكە ھاراق سۇنۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇندىن بۇرۇن تارقالغان سىنلاردىمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايچە كىيىملەرنى كىيىپ، خىتايلارنىڭ قائىدىسى بويىچە تازىم قىلدۇرۇلغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر تارقالغان ئىدى.
خىتاي رېجىمى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جازا لاگېرىغا قامالغانلىقى سەۋەبلىك يار-يۆلەكسىز قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى تۈرلۈك تەھدىتلەر بىلەن خىتايلارغا ئۆيلىنىشكە مەجبۇرلىغان بولسا، يەنە بەزىلىرىنى تۈرلۈك مەجبۇرىي ئەمگەكلەركە سالماقتا.

بۇ خەۋەر 1608 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2021 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق