خىتاي ياردەم ۋاسىتىلىرى بىلەن يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

ۋال كوچىسى ژۇرنىلىنىڭ 19-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئارمىيەسى ئالدىنقى ئايدا چۆكۈپ كەتكەن ھىندونېزىيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنى سۈزۈپ چىقىشتا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ خىل ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق رايوندىكى يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ «KRI Nanggala-402» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى 21-ئاپرېل بالى ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلگەن تورپېدا مانېۋىردا 800 مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇرلۇققا چۆكۈپ كەتكەن. نەتىجىدە سۇ ئاستى پاراخوتىدىكى 53 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىدىكى خىتاي ھەربىي ئەمەلدارى چېن يوڭجىڭ ھىندونېزىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىلەن سەيشەنبە كۈنى بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي پاراخوتىنىڭ 1-مايدا ھىندونېزىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى، 13 قېتىم دېڭىز تېگىگە چۆكۈپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغانلىقىنى، ۋەيران بولغان سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ رەسىملىرى ۋە سىنلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ، بۇزۇلغان زاپچاسلارنىڭ شەكلى ۋە ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھىندونېزىيە تەرەپ سۇ ئاستى پاراخوتىنى سۈزۈشنىڭ ئىنتايىن قىيىن خىزمەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ مەزكۇر پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىش ۋە ئۈچ پارچە بولۇپ كېتىش سەۋەبىنىڭ تېزرەك تەكشۈرۈلۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن دېڭىز رايونى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، غەۋۋاسلار مەشغۇلات قىلالمايدىكەن. نۆۋەتتە سۇ ئاستى ماشىنىلىرى ئارقىلىق مەزكۇر سۇ ئاستى پاراخوتىنى سۈزۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىنماقتىكەن.
تەھلىلچىلەر بۇ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قول تىقىشنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1086 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2021 16:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق