پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆپەيدى

ب ب س نىڭ 19- مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىدا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى داۋاملىق كۆپەيگەن.
7-ماي ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئەقسا مەسچىتىگە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىشى نەتىجىسىدە باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشتا، خاماس ۋە باشقا پەلەستىن قارشىلىق كۆرسەتكۈچى تەشكىلاتلار ئىسرائىلىيەگە 3000 دىن ئارتۇق راكېتامىيوت ئاتقان.
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غەززەدىن ئېتىلغان راكېتامىيوتلار ھازىرغىچە ئىككى بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە ئون كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا تەخمىنەن 800 ئادەم يارىلانغان.
پەلەستىن سەھىيە تارماقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 200 دىن ئېشىپ كەتكەن، بۇلار ئىچىدە كەم دېگەندە 60 بالا بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا 6000 غا يېقىن ئادەم يارىلانغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيە تەرەپنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەدىكى ئاھالىلەر زىچ رايونلارغا قارىتىلغان راكېتانىڭ تەخمىنەن %90 ى «تۆمۈر گۈمبەز باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى» تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان.
BBC نىڭ تاشقى ئىشلار تەھلىلچىسى جوناسېن ماركۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە قوراللىقلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا، تېخنىكىلىق مەسىلە سەۋەبىدىن ئاشكېلون شەھىرىدىكى تۆمۈر گۈمبەز باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەن.
بەزى تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە ئوخشىمىغان دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندە، مەزكۇر مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ غەززەدىن ئېتىلغان راكېتامىيوتنىڭ %90 نى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسقاندەك بۇ دەرىجىگە يېتىشى تەسكە توختايدىكەن.

بۇ خەۋەر 753 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2021 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق