ئامېرىكا قوماندانى: ئامېرىكا-خىتاي ئۇرۇشى مۇقەررەر ئەمەس

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ قوماندانى داۋىد بېرگېر (David Berger) 18-مايدىكى سۆزىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ مۇقەررەر ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئۆز چېگراسىنى كېڭەيتىش ۋە قوشنىلىرىنى بوزەك قىلىش ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەتقىقات مەركىزى تور بېتى بېرگېرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ ھازىر كەڭ كۆلەمدە سىناق ۋە قايتا تەشكىللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتا خىتاي شەكىللەندۈرگەن تەھدىتكە ماس ھالدا قەدەم تاشلاپ، ئاخىرىدا ئۇرۇشتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
داۋىد بېرگېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خىتاينى توسۇش مەغلۇپ بولۇپ، خىتاي بىلەن بولغان ئۇرۇش بەك تېز باشلىنىپ، باشقا تەييارلىقلارغا سەپەرۋەر قىلىش كېچىكىپ كەتسە، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش تەييارلىقىغا ئىگە ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ياپونىيە ۋە كورېيە ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتايغا قارشى تەھدىتىنى كۈچەيتكەن.

بۇ خەۋەر 776 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2021 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق