تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 11 مىڭغا يەتتى (19-ماي)

19-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 11553 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 218 مىڭ 683 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 11553 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 902 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 233 كىشى قازا قىلىپ، 9271 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 980 مىڭغا، قازا قىلغانلار 45419 غا، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2162 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 696 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2021 13:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق