ياۋروپا پارلامېنتى: خىتاي يارىشىشنى خالىسا جازانى دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى خىتايغا شەرت قويۇپ: «ئەگەر خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسا، دەرھال ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىغا قويغان جازانى بىكار قىلىشى كېرەك» دېگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى «خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى توڭلىتىش» لايىھەسىنى بۈگۈن بېلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار قىلىدىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەگەر خىتاي بىريۇسېل بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، چوقۇم ياۋروپا ئىتتىپاقى سىياسىيونلىرى ۋە دىپلوماتلارغا قارىتىلغان جازانى بىكار قىلىشى كېرەك ئىكەن.
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ جازاسى خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلمايدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسى بولسا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدىكەن. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ياۋروپا ئەمەلدارلىرىغا ئىجرا قىلغان يولسىز جازاغا قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى توڭلىتىشى ھەقلىق ئىكەن.
ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىماقچى بولغان بۇ قارار قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 ھۆكۈمەت ئارىسىدا سىياسىي تەسىرگە ئىگە بولىدىكەن. ئەگەر بۇ لايىھە ماقۇللانسا، ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىدە ئىلگىرىلەش بولمايدىكەن. چۈنكى خىتاينىڭ ئېلان قىلغان جازاسى كېلىشىم سۆھبىتىگە قاتناشقان بىر قىسىم ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
بۇ يىل مارتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك بىر قىسىم ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەن، خىتاي بولسا ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ھېچقانداق ئاساسقا تايانماستىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىيونلىرى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىغا جازا يۈرگۈزگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 867 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2021 13:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق