نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئالما شىركىتىنىڭ بەزى سەتچىلىكلىرىنى ئاشكارىلىدى

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 18-ماي ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئالما شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئۈچۈن بەزى تالاش-تارتىش خاراكتېرلىك قارارلارنى چىقارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ماقالىدە ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئابۇنىتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېرىشىشىگە يول قويغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغان مىڭلىغان ئەپنى ئەپ دۇكىنىدىن ئېلىۋەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئىلگىرى ئالما شىركىتىدە ئىشلىگەن ياكى ھازىرمۇ ئالما شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنى مەخپىي زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ماقالىدە ئالما شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى زور دەرىجىدە خىتايغا يۆتكىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە: «خىتاي ئالما شىركىتىنىڭ ئۈچىنچى چوڭ بازىرى. بۇ بازارنىڭ ياردىمىدە، ئالما دۇنيادىكى قىممىتى زور شىركەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى» دېيىلگەن.
ماقالىدە ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدا مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ كومپيۇتېرىنى نازارەت قىلالايدىغانلىقى، ئالما شىركىتىنىڭ يەنە خىتايدىكى ئابۇنىتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى زاپاسلايدىغان بۇلۇت سۇپىسىنى خىتايغا يۆتكىگەنلىكى ۋە خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.
2009-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ئالما شىركىتىنىڭ ئەپ دۇكىنىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان فىلىپ شۇمېكىر (Philip Shoemaker) نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئادۋوكاتلىرى گۇرۇپپىمىزغا بىر تىزىملىك بەرگەن. بۇ تىزىملىكتە خىتايدا ئىشلىتىلىدىغان ئەپلەردە كۆرۈشنى خالىمايدىغان تېمىلار بار ئىدى. مەسىلەن: خىتاي ئارمىيەسى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى توسقان تيەنئەنمېن مەيدانى...» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە ئالما بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر چۈشەنچە بەرمىگەن.

بۇ خەۋەر 1012 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2021 15:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق