تارقىلىۋاتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، چەت ئەلدىكى يالغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تارقىلىۋاتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوخشىمىغان رېئاللىقنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا نەچچە يۈزلىگەن كىشىنىڭ قاتار تىزىلىپ، بىر قاقاسلىق جايدا خۇددى يالاپ ئېلىپ مېڭىلغاندەك ئېغىر قەدەملەر بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە كېتىۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكى ياشانغان بىر ئايالنىڭ قارشى تەرەپتىكى كىشىنىڭ ئۆزىنى سىنغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، تىزلا ياغلىقىنى بېشىدىن ئېلىۋەتكەنلىكى، يەنە بىر سىندا بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سانجى شەھىرىگە جايلاشقان بىر قورۇنىڭ دەرۋازىسىغا «ھاراق ئىچىشنى ئۆگىتىش مەركىزى» دېگەن ۋىۋىسكىنىڭ قاداپ قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى دىنىدىن، مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىپ، ياغلىق ئارتىش، ھالال-ھارام دەپ ئايرىش، ئەركىن ئىشلەش قاتارلىق ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا.

بۇ خەۋەر 1450 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2021 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق