خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش داۋاملاشماقتا

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا بۇلتۇر يىل ئاخىرى باشلانغان «ئائىلەم قەيەردە» نامىدىكى نارازىلىق نامايىشى يۇقۇمىغا قارشى چەكلىمىلەرنىڭ قىسمەن بوشىتىلىشى بىلەن قايتىدىن باشلاندى.
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا باشلانغان نارازىلىق نامايىشى تۆت ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن، تۈركىيەدە يامراپ كەتكەن خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قاتارىدا يولغا قويۇلغان كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى سەۋەبلىك توختىتىلغان ئىدى.

نامايىشچىلار 17-مايدىن تارتىپ قايتىدىن نامايىشتا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، «ئائىلىمىز قەيەردە؟»، «خىتاي ھامان بىر كۈنى ھېساب بېرىدۇ» دېگەن پىلاكاتلار ۋە ئائىلىسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاختاينى كۆتۈرگەن خەلق «خىتاي لاگېرلارنى تاقا!»، «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، نارازىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان.
مەزكۇر نامايىش بۇلتۇر باشلىنىپ، خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان، ئارىلىقتا ئەلچىخانا خادىملىرى نامايىشچىلارنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەييارلاپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما كېيىن سۆزىدىن يېنىۋېلىپ، بۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ئىدى.
بۇلاردىن سىرت، « ئائىلەم قەيەردە؟» نارازىلىق نامايىشى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بىر تۈركۈم قازاق، ئۇيغۇر ئانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قازاقىستان خەلقى شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىغا قامالغان ياكى ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1100 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2021 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق