ئامېرىكا پارلامېنتىدا خىتايغا ئالاقىدار بىرلەشمە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 18-ماي چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە ئاۋام پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تور ئارقىلىق بىرلەشمە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىن يەنە بىر قېتىم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا مەركەزلەشكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مۇنازىرە تېمىسى «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئولىمپىك» بولۇپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ 24-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئىككى رەئىسى كىرىس سىمىس (Chris Smith)ۋە جېيمىس مىكگوۋېرن (James P. McGovern)، شۇنداقلا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلى (Jeff Merkley)قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلغان.
ئىسپات ئاڭلاش يېغىنىغا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى ۋە ئامېرىكىنىڭ باشقا پارلامېنت ئەزالىرىدىن باشقا، خىتاي دېموكراتچىلار تەشكىلاتى «پۇقرالار كۈچى»نىڭ قۇرغۇچىسى ياڭ جيەنلى ۋە ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى لى شۇشەن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفىي رىچاردسون ۋە خوڭكوڭ دېموكراتىيە كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جۇ مۇمىن قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئولىمپىك روھىغا ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىنغاندىن سىرت، مۇمكىن بولغان ئۇسۇللار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتايغا ئولىمپىك ئارقىلىق قانداق بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق نۇقتىلار مۇلاھىزە قىلىنغان.
نەنسى پېلوسى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا: «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىيە جەھەتتە بايقۇت قىلىشى كېرەك. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى خىتايدىكى ئەخلاقىي چەكلىمىدىن ھالقىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشى لازىم» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن بۇرۇن بىر نەچچە ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن تەكلىپ سۇنغاندىن كېيىن، 23-فېۋرال ئاۋام پالاتاسى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون كاتكو (John Katko)بايدېنغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، كېلەر يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 1087 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2021 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق