تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 11 مىڭغا يەتتى (18-ماي)

18-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 11937گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 217 مىڭ 276 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 11937 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 916 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 203 كىشى قازا قىلىپ، 10125 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 971 مىڭغا، قازا قىلغانلار 45186 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2232 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 856 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2021 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق