بېلگىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى

18-ماي لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بېلگىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
يىغىنىدا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر خانىمنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلەردىن خەۋەردار بولغان پارلامېنت ئەزالىرى كۆز يېشى قىلغان ۋە خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق غەزەپلەنگەن، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەرەپدارى بولغان ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى ئۇيغۇرلارنى «رادىكال، ئاشقۇن» دەپ قارىلىغان بولسىمۇ، د ئۇ ق نىڭ بېلگىيەدىكى ۋەكىلى كۇنسىتوپ ئەپەندى ۋە بىريۇسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋەنىسسا فىخاڭگىۋىل خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشىلىرىنى پاكىتلار ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىپ، ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ۋەكىللىرىگە رەددىيە بەرگەن.
بەش سائەت داۋاملاشقان يىغىندىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىرى قەلبىنۇر خانىمنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇغان. مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن يەنە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، قانۇنشۇناس ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى قاراشلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 811 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2021 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق