تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى: ئۆلسەكمۇ مەسچىتنى قوغدايمىز

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەسچىت چېقىش جەريانىدا تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن يۈننەن ئۆلكىسى كەييۈەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجەي مەسچىتىنىڭ گۈمبىزى ۋە ئۈستى قەۋىتىنى بىر باشتىن چېقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن مەسچىتنىڭ ئەر-ئايال جامائىتىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا دۇچ كەلگەن.
سىندا كۆرسىتىلىشىچە، تۇڭگان مۇسۇلمانلار مەسچىتنىڭ ئىچى-سىرتىدا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار قوللىرىدا «ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىمىزنى قەتئىي قوغدايمىز» دەپ يېزىلغان پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ مەجبۇرىي مەسچىت چېقىشىغا قارشى شوئار توۋلىغان. بىر قىسمى يەنە تاۋۇتقا كىرىپ يېتىپ، مەسچىت چېقىشنى توسۇش ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. ئاياللارمۇ يىغا-زارە ئارىلاش شوئار توۋلاپ، باشقىلارنى غەيرەت قىلىشقا چاقىرغان.
قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە مەسچىت چېقىۋاتقان توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ۋە كىرانمۇ ئىشتىن توختىغان. مەيدانغا يېتىپ كەلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارارى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغان.

بۇ خەۋەر 3486 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2021 21:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق