ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى بايدېندىن ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى بايدېنغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ھۆكۈمەتتىن ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن دېۋىن نۇنېس (Devin Nunes)16-ماي پىرېزىدېنت بايدېنغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭدىن ھۆكۈمەتكە ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
مەكتۇپتا بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقىلىپ كەتكەن سۈنئىي ۋىرۇس بولۇشى مۇمكىنلىكى، ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە مىليون دوللارلىق خىراجىتىگە ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەكتۇپتا يەنە: «بىز تەكشۈرۈش جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان ۋاسىتىلىك پاكىتلارنىڭ ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كېتىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇ ئېھتىماللىقنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ خىتاينىڭ كۆپ تەرەپلىك بىيولوگىيەلىك ئەدلىيە تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك» دېيىلگەن.
نۇنېس يەنە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باش تەپتىشى ئاۋرىل ھاينىسقا (Avril Haines) مەكتۇپ يېزىپ، ئامېرىكىنىڭ ۋىرۇسقا ئالاقىدار ئىستىخبارات ئۇچۇرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدىكى باشقىچە پىكىرلەرنى باستۇرغانلىقىنى، ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا ئېرىشىشتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى نامەلۇم بولغان سىرتقى مۇتەخەسسىسلەرگە تايىنىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر مەكتۇپ يەنە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ 11 مەسئۇلىغا ئايرىم-ئايرىم ئەۋەتىلگەن.

بۇ خەۋەر 831 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2021 17:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق