بۇرسادا بىر قىسىم سىياسىي پارتىيەلەر پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرگە ئېتىراز بىلدۈردى

17-ماي بۇرسادا بىر قىسىم سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، ئىيى پارتىيەسى، سائادەت پارتىيەسى، دېموكراتلار پارتىيەسى، دېموكراتىك سولچىلار پارتىيەسى، كېلەچەك پارتىيەسى، دەۋا پارتىيەسى، يېڭى رەفاھ پارتىيەسى، تۈركىيە ئۆزگىرىش پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ ئەزالىرى 15-ئىيۇل دېموكراتىيە مەيدانىغا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن.

پائالىيەتتە ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ شۆبە مەسئۇللىرى نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن ئوقۇلغان بىرلەشمە باياناتتا ئۇلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندىكى رەھىمسىز قىرغىنچىلىقلارنى توختات» دېيىش ئۈچۈن يىغىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئالدىدا سۈكۈت قىلىنمايدىغانلىقى ۋە قۇددۇسنىڭ بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ: «ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن سوقۇۋاتىدۇ. بىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىشىنىمىزكى، دۇنيا جامائىتى باشتىن كەچۈرگەن ۋە مەدەنىيەت نامىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانىيەت پاجىئەسىنىڭ بىرى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، يەنە بىرى باشلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى ھەممىمىز بۇنىڭ دىن، تىل، ئىرق ياكى رەڭ مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى بىلىمىز، بۇ ئىنسانىيەت مەسىلىسى. شۇڭلاشقا بىز ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۈمىدۋار بولىمىز. بۇرسا ئۆلكىسىدىكى ئون سىياسىي پارتىيەنىڭ باشلىقلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن قۇددۇس دەۋاسىنى قوغدايدىغانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1766 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2021 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق