خىتاي ئامېرىكا ماللىرىغا قارىتا تاموژنا بېجى كەچۈرۈمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مالىيە مىنىستىرلىكى 17-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 79 خىل مەھسۇلاتقا قارىتىلغان تاموژنا بېجى كەچۈرۈم مۇددىتىنى ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 79 خىل تاۋار دىياتوملۇق توپا، ساپ ماگنىي ئوكسىد، ئاز ئۇچرايدىغان كەم ئۇچرايدىغان يەر مېتاللىرى، ئالتۇن رۇدىسى، كۈمۈش رۇدىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا 18-ماي ۋاقتى توشقان كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنىڭ بۇ يىل 25-دېكابىرغىچە ئۇزارتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تىرامپ ھاكىمىيەتتىكى مەزگىلىدە، ئامېرىكا خىتايغا قارشى تاموژنا بېجى ئۇرۇشىنى يولغا قويغان بولۇپ، ھەر يىلى خىتاينىڭ تەخمىنەن 370 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تاۋارلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالغان. خىتاي ئامېرىكىنىڭ جازالاش تەدبىرلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويغان بولسىمۇ، كېيىن يەنە ئامېرىكا ماللىرىنىڭ بىر قىسمىدىن تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلغان بولۇپ، كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنى بىر نەچچە قېتىم ئۇزارتقان. بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ تىرامپ يولغا قويغان تاموژنا بېجى سىياسىتىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە، قاتارلىق رايونلىرىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنى يېتەكلەپ، خىتايغا قاتتىق بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، شۇڭا خىتاي بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 992 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2021 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق