خىتاي ساختا تەشۋىقاتىنى يەنە بىر قېتىم چاندۇرۇپ قويدى

ئەرەبچە «ھازىرقى خەۋەرلەر» تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارادا ئۆزىنى ئاقلاش مەقسىتىدە تارقاتقان ھېيت كۈنىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئالدىن تەييارلانغان، ساختا كۆرۈنۈشلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
خىتاي بۇ يىل رامىزاننىڭ ئالدى-كەينىدە چەت ئەلدىكى تەشۋىقات قوشۇنىنى ئىشقا سېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى ۋە پائالىيەتلىرىنى خاتىرجەم ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ روزا ھېيت كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا ئوينالغان سامانى سىنغا ئېلىپ تارقىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بايراملارنى ئەركىن ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىنى، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، بۇ كۆرۈنۈشلەردىكى بىنورماللىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدىن پەرقلىق بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھېيتتىن بىر كۈن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنى ھېيتگاھ جامەسى ئالدىغا يىغىپ، ساما ئويناشنى مەشىق قىلدۇرغان. ئۇلارنىڭ قولاشمىغان ھەرىكەتلىرىدىن ۋە چىراي ئىپادىلىرىدىن بۇنىڭ مەجبۇرىي مەشىق ئىكەنلىكى ئېنىقلا بىلىنىپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى باشقۇرۇپ، نازارەت قىلىۋاتقان كادىرلارمۇ دىققەت تارتقان. سىمون لېبلەتېر (Simon LeBlatter) ئىسىملىك مۇخبىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېيتتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇ كىشىلەرنىڭ مەيدانغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە ئۇيغۇردىن نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى سورىغان، ئۇلار نېمە ئىشلىقىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى، يۇقىرىدىن مەيدانغا يىغىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» 13-ماي بېيجىڭدا «روزا ھېيتلىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى» ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق 20 نەچچە ئەلچىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئاتالمىش «دىنىي زاتلار»دىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. مەزكۇر يىغىندا يەنە ھېيتگاھ مەيدانىدىكى خەلقنىڭ «ساما ئوينىغان كۆرۈنۈشلىرى» بىۋاسىتە نەق مەيدان ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن.

-->