گېرمانىيە پارلامېنتى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن، 17-ماي گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا، پارلامېنت بىناسى بىلەن باش مىنىستىرلىك بىناسى ئوتتۇرىسىدىكى رايوندا 100 گە يېقىن كىشى نامايىش قىلدى.

نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا قاتناشقانلار: «خىتاي، جازا لاگېرىغا قامىغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بەر»، «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى توختات» دېگەندەك شوئارلار، شۇنداقلا ۋولكىس ۋاگېننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلەشلەر يېزىلغان تاختا، پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ خىتايغا قارشىلىق بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەلۇم بولغىنىدەك، كانادا، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ زىيانكەشلىكنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. بىز گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئوخشىمىغان سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىر نەچچە ئاي ئالاقىلاشتۇق. ياۋروپانىڭ پاراۋۇز دۆلىتى بولغان گېرمانىيەنىڭ پارلامېنتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن تىرىشتۇق. بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى ئادۋوكاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلايدۇ. ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ يەكۈن چىقارسا، بىز ئۇنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
نامايىشقا يەنە تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە خىرىستىيان دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

بۇ خەۋەر 1026 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2021 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق