مۇخبىرلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ئەكسىچە چىقماقتا

ئەركىنلىك تورىنىڭ 14- مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نەچچە مىڭ مەسچىتنى چىقىپ تاشلىغان خىتاي يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى ئەمەلىيەتنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىكىدەك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ مىڭلىغان ئۇيغۇر مەسچىتلىرىنى چېقىپ ۋەيران قىلغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ئىسپاتلارنى بەرگەن ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھېچقانداق دىنىي سورۇننىڭ ۋەيران قىلىنمىغانلىقىنى ياكى چەكلەنمىگەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، بۇ يالغان-ياۋىداقلىرىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭمۇ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئاقلاپ، بەزى مەسچىتلەرنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلۇپ كېڭەيتىلگەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆي ۋە مەسچىتلەردە ئىبادەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
رويتېر ئاگېنتلىقى رامىزان مەزگىلىدە 12 كۈن ۋاقتى سەرپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى يېزا ۋە شەھەرلەرنى كېزىپ، ئاران 24 دىن ئارتۇق مەسچىتنى زىيارەت قىلالىغان. مۇخبىرلار زىيارەت ئارقىلىق خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى مەزمۇنلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلى ئەھۋالىدا ئومۇميۈزلۈك پەرق بارلىقىنى، خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدىكى «شىنجاڭدا 20 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار» دېگەن سۆزىنىڭ ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن.

مۇخبىرلار يەنە چېقىلماي قالغان مەسچىتلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كىرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئەسكەرتىش بارلىقىنى، رايون سىرتىدىن كەلگەنلەر، چەت ئەللىكلەر ۋە 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بايقىغان. مەسچىتكە يېقىن كەلگەن مۇخبىرلار پۇقراچە كىيىنگەن كىشىلەر تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنغان.
مۇخبىرلار ئالتە يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن بىر خىتاي ئايالنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي ئايال ئادەتتە مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ قالمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۇ يەردە ئەمدى مۇسۇلمان يوق» دېگەن ۋە: «شىنجاڭدا ھايات ناھايىتى گۈزەل» دەپ قوشۇپ قويغان.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى بۇلتۇر ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1770 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2021 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق