تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۈندىلىك 10 مىڭ ئەتراپىدا بولماقتا (17-ماي)

17-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 10174 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 206 مىڭ 836 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 10174 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 923 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 223 كىشى قازا قىلىپ، 13864 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 961 مىڭغا، قازا قىلغانلار 44983 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2326 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 597 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2021 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق