70 تىن ئارتۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيەدىكى 71 ۋىلايەتنىڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى 16-ماي بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق باستۇرۇش جىنايىتىنى توسۇشقا چاقىرغان.
بىرلەشمە چاقىرىقتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «1949-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۇلارنىڭ ھاياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي بۇ رايوندىكى يەرلىك خەلقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يولغا قويغان ۋە 2018-يىلى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە گۇۋاھلىق سۆزلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان جازا لاگېرلىرىدىن ئىبارەت بۇ جىنايىتىنى ۋە جىنايەتچىلەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بۇنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق، بۆلگۈنچىلىكتىن قۇتقۇزىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالماقتا.
بىر مىللەت ۋە دىنىي ئېتىقادنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىستېمىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئويلاشقاندا، بۇ قىلمىشلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە تەۋە ئىكەنلىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت».
چاقىرىقتا يەنە 2017-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، خىتاي ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى يولغا قويغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ تېز سۈرەتتە كۆپەيگەنلىكى، ساقال قويۇش، چۈمبەل ياكى رومال تاقاش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، روزا تۇتۇش، ھاراق ئىچمەسلىك قاتارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى ۋە ئىسلام ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ھەر قانداق كىتاب-ماتېرىياللارنى ئاشقۇنلۇق دەپ قارىغانلىقى، چەت ئەلدىكىلەر بىلەن نورمال ئالاقىدە بولغان كىشىلەرنىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
چاقىرىقتا يەنە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان دوكلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىنىپ: «بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنى بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا، پۇقرالار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپىدە ساقلاشقا، ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارنى دەرھال كۈنتەرتىپىدىكى ئالدىنى ئېلىش جازاسىنى قوللىنىشقا چاقىرىمىز ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىمىز. ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئادۋوكاتلىق كەسپىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئادالەتسىزلىككە سۈكۈت قىلىشنىڭ يەنە بىر ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى ھۆرمەت بىلەن جاكارلايمىز» دېگەنلەر تەكىتلەنگەن.
تۈرك مائارىپ بىرلەشمىسىنىڭ ئادىيامان گۆلباشى رەئىسى مەھمۇت يېتىشكەن بۇ ھەقتە سۈكۈت قىلغان باشقا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئەنقەرە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشىغا قارشى چاقىرىقىنى 71 ۋىلايەتنىڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ قوللىغانلىقى، ئەمما ئادىياماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ بۇنى قوللىمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئالدى بىلەن بىز ھەرقايسى ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرىنىڭ قوللىغانلىقىغا، بولۇپمۇ ئەنقەرە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز ۋە ۋىلايىتىمىز ئادىيامان ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ بۇنى قوللىمىغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز» دېگەن.
ئۇ يەنە ئادىيامان ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تېررورلۇقىنى سۈكۈت بىلەن قوللىغان ھازىرقى ئادىيامان ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنى باشقۇرۇشتىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 655 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2021 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق