بايدېن: ئۇيغۇرلار ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن سۆز قىلىمەن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 16-ماي ئامېرىكا ھۆكۈمىتى توردا روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەتتە پىرېزىدېنت بايدېن ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئالدىن تەييارلىغان ۋىدىيو ئېلان قىلىنغان. بايدىن مەزكۇر تەبرىك ۋىدىيوسىدا: «ھەممە ئادەم پاراكەندىچىلىك ۋە زوراۋانلىقتىن قورقماي، ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىننىڭ ئۆلچىمى بويىچە خاتىرجەم ياشىشى كېرەك. بىز كۆپچىلىكنىڭ بۇ خىل ھوقۇقىنى قوغدايمىز. بۇ دەل مۇسۇلمانلارنىڭ ساياھىتى چەكلىنىدىغان نومۇسلۇق قائىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشۇمدىكى ۋە بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىمىزنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ۋە بېرمىدىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغانلىقىدىكى سەۋەب» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي ساھىبخانلىق قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتنى توردا تەبرىكلەش پائالىيىتى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى سەۋەبلىك ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار جامائەتلىرى تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنغان. ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار ھوقۇقى تەشكىلاتى بولغان ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى شەنبە بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز بايدېن ھۆكۈمىتى بىلەن روزا ھېيتنى تەبرىكلىيەلمەيمىز. چۈنكى بايدېن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەززە رايونىدىكى خەلقلەرنى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىش قىلمىشىنىڭ مۇۋاپىق بولغانلىقىنى، ئۆزىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بايدېننىڭ نىتانياھونىڭ پەلەستىنلىك بالىلارنى داۋاملىق ئۆلتۈرۈش، تۇرالغۇ بىنالارنى پارتلىتىش ۋە مۇساپىرلار لاگېرلىرىنى ۋەيران قىلىش قىلمىشىنى قوللىغانلىقى ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
بايدېن يەكشەنبە ئېلان قىلىنغان سىندا، ئىسرائىلىيە خەلقى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ باراۋەر، بىخەتەر بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوننىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 716 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2021 11:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق