ۋۇخەن شەھىرىدىكى قۇيۇندا يەتتە ئادەم ئۆلگەن

خىتاينىڭ سىنا تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ۋۇخەن بىلەن سۇجۇ شەھەرلىرىدە قۇيۇن چىقىپ، يەتتە كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى، 300 گە يېقىن كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ۋۇخەن جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 14-ماي شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت توققۇزغا يېقىن، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا توققۇز بال قۇيۇن چىققان. قاتتىق قۇيۇن ئۆيلەرنى بۇزۇپ، نۇرغۇن دەرەخلەرنى قومۇرۇۋەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 15-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت يېرىمغىچە ئاپەت سەۋەبىدىن ئالتە كىشى ئۆلگەن، 218 كىشى يارىلانغان، 27 ئائىلىگە تەۋە 85 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. 130 ئائىلىنىڭ 400 گە يېقىن ئۆيى بۇزۇلغان.
ئۇندىن باشقا يەنە، سۇجۇ شەھىرى شېڭزې بازىرىنى قىسمەن جايلىرى قۇيۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. يەرلىك ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى ۋە نۇرغۇن ئۆيلەر بۇزۇلغان. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاپەتتە بىر كىشى ئۆلگەن، 20 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. بىر قىسىم زاۋۇت بىنالىرى بۇزۇلغان. شۇ يەردىكى توك يولى بۇزۇلۇپ، بەزى لىنىيەلەردە توك توختاپ قالغان.

بۇ خەۋەر 709 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2021 11:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق