خىتاي روزا ھېيت كۈنى مەخسۇس يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆز بوياشقا ئۇرۇندى

خىتاي پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» 13-ماي بېيجىڭدا «روزا ھېيتلىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى» ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق 20 نەچچە ئەلچىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئاتالمىش «دىنىي زاتلار»دىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.
يىغىنغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى»نىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز، ئۈرۈمچى شەھىرى نوغاي مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپ، قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە، ئۈرۈمچىدىكى خۇمدانلىق (نيەنزىگو) مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى بەي شېڭفۇ قاتارلىقلار قاتنىشىپ، چەت ئەللىك ئەلچىلەرنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن. شۇ كۈنى يەنە قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەيدانى ۋە ئۈرۈمچىدىكى خانتەڭرى مەسچىتى ئالدىدا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساما ئۇسسۇلى ۋە روزا ھېيتنى تەبرىكلىگەن كۆرۈنۈشلەر بىۋاسىتە تارقىتىلىش ئارقىلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا كۆرسىتىلگەن.
يىغىندا ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز: «شىنجاڭدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتى ۋە دىنىي ئېھتىياجى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى. ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا تەرتىپلىك ۋارىسلىق قىلىنىشى ۋە ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە تارقىتىۋاتقان خەۋەرلىرىنىڭ ھەممىسى توقۇلما» دەپ بىلجىرلىغان.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دىنىي خادىملار ئەمەسلىكىنى، ئىسلام نامىدا «ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تارقىتىپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»نامىدا دىنغا قارشى تېررور سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلىپ، زور كۆپ ساندىكى ئۆلىما ۋە خەلقنى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا قاماپ، رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە بۇ يىغىننى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان. ھالبۇكى، ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان دوكلاتتا دىنىي زاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئاساسلىق يوقىتىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى، ئەڭ ئاز بولغاندا مىڭدىن ئارتۇق ئىمام ۋە دىنىي زاتلارنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقى ئېنىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىلگەن ۋە نوپۇزلۇق تاراتقۇلار بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ تارقاتقان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1312 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2021 11:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق