گېرمانىيە شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىن

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىشى سەۋەبلىك، گېرمانىيە شىركەتلىرى پات يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى تىجارىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقتىن، گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سودا، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى ئۇزۇن ئۆتمەي چەكلىمىگە ئۇچرىشى ياكى پۈتۈنلەي توختىتىلىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ گېرمانىيە پارلامېنتى ئىلمىي مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ باھالاش دوكلاتىدىن چىقىرىلغان يەكۈن ئىكەن.
يېشىللار پارتىيەسى سۇنغان لايىھەگە ئاساسەن، ئەگەر «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» يولغا قويۇلۇپ قالسا، گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا گېرمانىيە شىركەتلىرى جەرىمانە تۆلەيدىكەن. ئايرىم ئەھۋاللاردا شىركەت خىزمەتچىلىرى شەخسىي جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يېشىللار پارتىيەسى گېرمانىيە شىركەتلىرىنى بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئېنىق قىلىشقا چاقىرغان. يېشىللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى باياناتچىسى مارگارېت باۋۇس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ باھالاش دوكلاتى ئارقىلىق، شىنجاڭدا پائالىيەت قىلىۋاتقان گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھەر بىر گېرمانىيە شىركىتى ھازىر ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىدىن شىنجاڭدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىشى كېرەك» دېگەن.
باھالاش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، قانۇن لايىھەسىدە چوڭ شىركەتلەر دۇنيادىكى تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىغا قارشى تەدبىر قوللانمىسا، يىللىق سېتىش سوممىسىنىڭ %2 گىچە جەرىمانە قويۇلىدىكەن.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ زاۋۇت بىنالىرى ئادەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى ۋە لاگېرلارغا يېقىن ئىكەن. باھالاش دوكلاتىدا ئادىداس، پۇما، BMW، بوش، سىمېنس، ۋولكىس ۋاگېن ۋە باسف قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانلىقى، بىر قىسمىنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 624 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2021 10:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق