خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تىركىشىش باشلانماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە باشلىشى بىلەن خىتاينىڭ ئەندىشىسى كۈچىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى قايتىدىن كۈچەيتكەن بولۇپ، رۇسىيە تاراتقۇلىرى خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە قايتىدىن دىققەت قوزغاشقا سەۋەب بولغان. خىتاي يېڭىدىن قۇرۇلغان «1+5» مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتكەن، ئەمما رۇسىيە تاراتقۇلىرى خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، دەپ قاتتىق تەنقىد قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەنىڭ «مۇستەقىل» گېزىتى 14-ماي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە كىرىشىپ، رۇسىيەنىڭ «ئارقا ھويلىسى»دىكى دۆلەتلەردە تەسىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
12-ماي شىئەندە ئېچىلغان خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن، رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق تور تاراتقۇسى بولغان «لېنتا تورى» ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، موسكۋانىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ياردەم بېرىپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئارقىلىق خىتاينىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ماقالىدە يەنە ئىلگىرى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنىڭ ئىقتىسادقا مەركەزلەشكەنلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سىياسىتىنىڭ موسكۋا تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقى، ئەمما ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇشى بىلەن، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ قىزىق نۇقتىلىرىدىن بىرى تۈركمەنىستان ۋە ئافغانىستان ۋەزىيىتى بولۇپ، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاندىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن، تۈركمەنىستاندىن تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشنى چۆرىدىگەن بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۈنتەرتىپىگە قويۇلغان.
بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، خىتاي ۋە رۇسىيە ئۈچۈن بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇ دۆلەتلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشى ۋە ھەل قىلىشى كېرەك بولۇپ قالىدىكەن. خىتاي دۇچ كېلىدىغان خىرىس تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانداق قوغداشنى ئويلىشىشى كېرەك ئىكەن. رۇسىيەمۇ ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە تاجىكىستانغا جايلاشقان 201-پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيەسى بار ئىكەن. رۇسىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى ئايدا تاجىكىستان ئارمىيەسى بىلەن كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بىر قانچە مەشىق ئورنى ئافغانىستانغا يېقىن جايدا ئىكەن. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يېقىندا ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاننىمۇ زىيارەت قىلىپ، بۇ رايوندىكى خىتاينىڭ تەسىرىنى توسۇشقا كىرىشكەن.

بۇ خەۋەر 734 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2021 03:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق