خەلقئارا ئائىلە كۈنىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەيران قىلىنغان ئائىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

15-ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئائىلىلەرنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش مەقسىتىدە «خەلقئارا ئائىلە كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ كۈندە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنى پارچىلاش جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تىلغا ئالغان ئاساستا قىسقىچە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى، بالىلىرىنىڭ مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغانلىقىنى، باشپاناھسىز قالغان قىزلارنىڭ خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى بىلەن ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
باياناتتا يەنە: «چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخنىكا دەۋرىدىمۇ تۇغقانلىرى بىلەن ھېچقانداق ئۇسۇلدا ئالاقىلىشالمايۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىيەتنىڭ ئاساسى بولغان ئائىلىلەر خىتايلار تەرىپىدىن ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ۋەيران قىلىنماقتا. بۇ سەۋەبتىن بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى، بولۇپمۇ ب د ت نى كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرگە قارىتىلغان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەر بىلدۈرۈلدى.
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ بۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىككى مىليوندىن ئارتۇق پەرزەنتلىرىنىڭ بالىلار لاگېرىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان بولسا، «يېڭى لىنىيە ئىنستىتۇتى»نىڭ دوكلاتىدا 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ، بالىلار لاگېرىغا قامالغان ئۆسمۈرلەر سانىنىڭ %76.9 كۆپەيگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

بۇ خەۋەر 866 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2021 03:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق