شەرقىي تۈركىستاندا تۈرلۈك ھاشارلار داۋاملاشماقتا

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى خەلقئارادا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىر بولۇپ، خىتاي بۇ جىنايەتلىرىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە ۋە يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق بۇ قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ھالبۇكى، تارقىلىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈنىمىزدىمۇ ھاشار سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.
يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قېرى-ياش، ئەر-ئايال دېمەستىن كۆچەت تىكىش، يەر ئاغدۇرۇش، شاخ يىغىش، ئېرىق چېپىش قاتارلىق ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا، شۇنداقلا يول تازىلاش، قۇرۇلۇش ئىشلىرى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئېغىر ھاشار ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن. سىنلاردا يەنە ھاشارغا سېلىنغان خەلقنىڭ تامىقىنىڭ قۇرۇق نان بىلەن سۇ ئىكەنلىكى، ئۇلارنى ساقچىلارنىڭ نازارەت قىلىۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەرمۇ دىققەت قوزغىغان.

يېقىنقى يىللاردا كۈندە دېگۈدەك تارقىلىۋاتقان سىنلار بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاشار سىياسىتىنىڭ ئىزچىل ئېغىرلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھاشارغا سېلىنغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ياشانغانلار ۋە ئاياللاردىن تەركىب تاپقانلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ياشلارنىڭ، ئەرلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 1126 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2021 03:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق