خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 14-ماي ئېلان قىلغان خەۋىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن باستۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى ۋە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى» تورغا ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلدى، دېگەن باھانە بىلەن تىپىك دېلودىن 14نى بىر تەرەپ قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇلار ئىچىدىكى بەش دېلو شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، جازالانغانلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى، مىللىتىنى، ئۇلارنىڭ زادى نېمە سەۋەبلىك جازالانغانلىقىنى تەپسىلىي ئاشكارىلىمىغان.
خەۋەردە قىزىلسۇدىكى «ئا» نىڭ بۇ يىل 14-يانۋار خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۈن ئۇچۇرىنى كۆپلەپ تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغانلىقى، قاراماي شەھىرىدىكى «ج» نىڭ بۇ يىل 9-فېۋرال خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىش، مىللىي كەمسىتىشكە، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق گەپ-سۆزلەرنى ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغانلىقى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى «ئە» نىڭ بۇ يىل 7-يانۋار خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان ناخشىلارنى تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك، مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «دۇ» نىڭ خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق كىتاب تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك، مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقى، كورلىدىكى «لۈ» نىڭ خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، «شىنجاڭدا شەھەرلەر قامال قىلىندى» دېگەن ئۇچۇرىنى تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك، مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ساقچى ئورگانلىرى يەنە تور ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ توردىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قىسمەن ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇۋاتقان بولسىمۇ، باشقۇرۇش ۋە نازارەتنى قاتتىق دەرىجىدە كۈچەيتىپ كەلمەكتە. بۇ يىل 3-ئايدا غۇلجا ناھىيەسىدىكى 13 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سۇغۇرۇۋېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان ئۇيغۇر ياشنىڭ ئەتىسىلا ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، توردا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.
كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبلىك خىتايغا قارىتا ئەيىبلەش ۋە ئېمبارگونى شۇنچە كۈچەيتكەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ 2014-يىلى «ھەر تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن باستۇرۇش» سىياسىتىنى قانداق باشلىغان بولسا شۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خەلقنى نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 628 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2021 03:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق