نوپۇسنىڭ تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلىنىشى خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا

ۋال كوچىسى ژۇرنىلى خەۋىرىنىڭ 14-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىلگىرى نوپۇس كۆپىيىپ كېتىشتىن ئەندىشىگە قىلغان بولسا، نۆۋەتتە نوپۇسنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.
خىتاي سەيشەنبە ئېلان قىلغان 7-نۆۋەتلىك نوپۇس ئىستاتىستىكىسى نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلغىچە خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئۇدا تۆت يىل تۆۋەنلىگەن. ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، توختاپ قېلىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان. ئۇندىن باشقا نوپۇسنىڭ %20 ىنى 60 ياش ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەر ئىگىلىگەن بولۇپ، قېرىلىشىش كىرىزىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى شى جىنپىڭنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى يا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى بوشاشتۇرۇشى، يا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئاستىلىتىش خەتىرى ئېلىپ كېلىدىغان بۇ سىياسەتلەردە چىڭ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايغا ئوخشاش نوپۇسى كۆپ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا نوپۇس كۆپىيىشنىڭ توختاپ قېلىشى ۋە ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى مالىيە چىقىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادقا ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىغان ياش ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بۇ خەۋەر 777 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2021 03:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق