گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ھېيت قىلدى

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق روزا ھېيتتا يېڭى سېتىۋالغان ئورۇنغا جەم بولۇپ، بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزدى.
ھېيتلىشىش پائالىيىتىنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قاتناشقان. ئالدى بىلەن يېڭى سېتىۋېلىنغان ئورۇندا روزى ھېيت نامىزى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ھېيتلىق پائالىيەت باشلانغان.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بالىلارغا ھېيتلىق بېرىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى نامىدىن بالىلارغا ھېيتلىق پۇل تارقىتىلغان. ئاخىرىدا جەمئىيەت رەھبەرلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىگەن.
خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك بۇ يىللىق روزا ھېيت چەكلىمىلەر ئىچىدە كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، ۋىرۇس يۇقۇمى ئېغىر بولمىغان بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارلا بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

بۇ خەۋەر 815 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2021 03:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق