ياپونىيە باش ۋەزىرى شەرقىي تۈركىستانغا بولغان ئەندىشىسىنى تىلغا ئالدى

ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدې سۇگا 14-ماي ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان پىرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يوشىخىدې تېلېفوندا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم توقايوف ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويوف بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مۇناسىۋەتنى مۇزاكىرە قىلغان.
يوشىخىدې يىغىن جەريانىدا تۈرك دۇنياسى رەھبەرلىرىگە شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئېغىر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشىغا ۋە 1-فېۋرالدىن باشلاپ خىتايدا يولغا قويۇلغان دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ چەت ئەل پاراخوتلىرىغا قورال ئىشلەتسە بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى يېڭى قارارىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف يىغىن جەريانىدا بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيويوفمۇ ياپونىيە بىلەن نۇرغۇن خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئوخشاش كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 666 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2021 03:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق