يېڭى دوكلات: ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۆۋەنلەپ كېتىشى رىۋاندا ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئېشىپ كەتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ ئەقىل ئامبىرى «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزى» (ASPI) 12-ماي يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە جىددىي تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «قانۇنسىز تۇغۇشقا زەربە بېرىش» پائالىيىتى باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى %48.74 تۆۋەنلىگەن.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، تۇغۇلۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايونلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى %90 تىن كۆپرەك بولغان ناھىيە-بازارلاردا تۇغۇلۇش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %56.5 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، باشقا ناھىيە-بازارلارغا قارىغاندا زور نىسبەتتە چۈشۈپ كەتكەن. بۇنداق قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا خىتاي يولغا قويغان يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانە، ئىنتىزام جازاسى ۋە جازا لاگېرىغا قاماش تەھدىتى قاتارلىق مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى ئىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنى ئاتالمىش «قانۇنسىز ھامىلىدار ئاياللار»نى بالدۇر بايقاپ، بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ سانىنى ئازايتىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نوپۇس كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
دوكلاتتا يەنە: «بىزنىڭ تەھلىلىمىز ئىلگىرىكى خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى قايىل قىلارلىق پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېيىلگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى ۋە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نېيسىن رۇسېر (Nathan Ruser) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيانىڭ تۇغۇت ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاشقا باشلىغان 71 يىلدىن بۇيان، مەلۇم رايوننىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىدە بۇنداق مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە شىددەتلىك تۆۋەنلەپ كېتىشى سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش، رىۋاندا ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكى تۆۋەنلەشتىن ئېشىپ كەتتى» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1331 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2021 03:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق