شەرقىي تۈركىستاندا ھېيت نامىزىنىڭ ئورنىغا قىزىل ناخشا ئوقۇلدى

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئاي ھېسابلىنىدىغان رامىزان ئېيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىلمۇ خىتاينىڭ چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن روزا تۇتۇش چەكلەنگەن ھالدا ئۆتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. خىتاي بۇ يىل روزا ھېيت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر كۈن ئارامغا قويۇۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ھېيت نامىزى ئوقۇشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى بىر مەھەللىدە روزا ھېيت كۈنى ئەتىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللە كومىتېتىغا يىغىۋېلىنىپ، قىزىل ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى تەشۋىقات كۈچلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ «ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ھېيت كۈنلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگەنلىكى»دەك يالغان ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتىدە ئوقۇلغان ھېيت نامىزىنى نەق مەيدان تارقاتقان. بۇ ھەقتىكى سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نامازدىن كېيىن ياكى بۇرۇن مەسچىت ئىچىدە خىتاينىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مەسچىت ئىچىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە يات بولغان خىتاي پانۇسلىرىنىڭ ئېسىپ قويۇلغانلىقىمۇ دىققەت قوزغىغان. ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي ئورۇنلىرىدىن بىرىگە جايلاشقان مەزكۇر مەسچىتنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر قېتىم چەت ئەللىك زىيارەتچىلەر ياكى دۆلەت ئەربابلىرى زىيارەتكە كەلگەندە، بۇ مەسچىتتىكى ئالدىن تەييارلانغان سەھنىلەر ئارقىلىق كۆز بويىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 924 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2021 02:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق