قازاقىستان خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلتىقىغا قارشى يېڭى قەدەم باستى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف 13-ماي يېڭى پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى چەت ئەللىكلەرگە سېتىشنى رەسمىي چەكلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2016-يىلى تېرىلغۇ يەرلەرنى چەت ئەللىكلەرگە سېتىشنى توختىتىش ھەققىدە ۋاقىتلىق تەدبىر ئېلان قىلغان بولۇپ، پىرېزىدېنتنىڭ بۇ قېتىملىق پەرمانى مەزكۇر چەكلىمىنى مەڭگۈلۈك كۈچكە ئىگە قىلىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇ چەكلىمىنىڭ ئاساسلىق خىتايغا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە قازاقىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى كەيپىياتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن بولۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئېچىۋېتىش پىلانىغا قارشى كۆپ قېتىم نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆكتىچى پارتىيە ئەسلى بۇ ھەپتە ئاخىرىدا خىتاينىڭ قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىش پىلانىغا قارشى نامايىش قىلىشنى پىلانلىغان ئىكەن.
قازاقىستان ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ مەسئۇلى فېيسبۇك ئارقىلىق پىرېزىدېنتنىڭ مەزكۇر پەرماننى تەستىقلىغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. ئەمما ئۇ شەنبە كۈنى ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان نامايىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز دائىرىلەرنى ئاگاھلاندۇرىمىزكى، زېمىنىمىزنى چەت ئەللىكلەرگە سېتىپ بېرىشنى ھەرگىز ئويلاشمىسۇن. بىز خىتاينىڭ 56 مەبلەغ سېلىش تۈرىنىڭ قازاقىستاندا ئەمەلىيلىشىشىگە قارشى تۇرىمىز» دېگەن.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئىزچىل ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىكى مۇھىم شېرىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما قازاقىستاندىكى ئۆكتىچىلەر مول يېقىلغۇ ۋە قېزىلما بايلىقلارغا ئىگە قازاقىستاننىڭ ئاخىرىدا خىتايغا بېقىندى بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش قىلمىشلىرى قازاقىستان خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 580 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2021 02:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق