ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئالما شىركىتىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تەمىنلىگۈچىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئالما شىركىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاينىڭ تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ «ئۇچۇر» ناملىق رەقەملىك مېدىيا شىركىتى 11-ماي ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا ئالما شىركىتىنى زاپچاس ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان يەتتە خىتاي شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. 12-ماي ئاۋام پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتى مونوپولغا قارشى تۇرۇش، سودا ۋە مەمۇرىي قانۇن تارماق گۇرۇپپىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى كېن باك (Ken Buck) ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇكقا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئالما شىركىتىنىڭ مەزكۇر يەتتە خىتاي شىركىتى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
كېن باك 11-ماي كەچتە يەنە تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا: «مەن ئالما شىركىتى بىلەن شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى دەھشەتلىك جىنايەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن باغلىنىشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمەن» دېگەن.
ئۇ مەكتۇپىدا تىم كۇكنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ خىل سودا ئالاقىسىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئەگەر بولۇپ قالسا، بۇ خىل مۇناسىۋەتنى توختىتىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن. شۇنداقلا تىم كۇكتىن «تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كەم دېگەندە يەتتە شىركەت مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېگەن ئەيىبلەشنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يېتىشنى ھەمدە ئەڭ كېچىككەندىمۇ 15-ئىيۇنغىچە ئالاقىدار مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.
«ئۇچۇر» شىركىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، ئالما شىركىتىنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان مەزكۇر يەتتە خىتاي شىركىتىنىڭ كەمىدە بەشى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەر ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرى ئىشلەتمەكتە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 713 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2021 02:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق