ب د ت دا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە يىغىن ئېچىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار 12-ماي ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىلغان تور يىغىنغا قاتناشقان.
مەزكۇر يىغىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، كانادا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، ياپونىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق 18 دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گىرىنفىلد (Greenfield) ئېچىلىش سۆزىدە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى توختاتمىغۇچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتە داۋاملىق ئاۋاز چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى يىغىندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى كىرىزىسىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خولسگېن بۇ تور يىغىنىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ زور تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلى تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولغان ھالدا خاتىرجەم ياشىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ب د ت نىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالدىنقى ھەپتە مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلماقچى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىققا چاقىرغان ۋە بۇ يىغىننىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا قارىماي، يىغىن يەنىلا 50 نەچچە ۋەكىل ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ۋاقتى-قەرەلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ خەۋەر 725 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2021 02:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق