شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي باستۇرۇش ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلىندى

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» بۈگۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي باستۇرۇشى ھەققىدە «ئىسلام مەھرۇم قىلىندى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىماملار ۋە دىنىي زاتلارنى باستۇرۇشى» ناملىق يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان.
79 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئېرىشىلگەن دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاساس قىلغاندا، خىتاي 2014-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلاردىن جەمئىي 1046 دىنىي زاتنى تۇتقۇن قىلغان. بۇلار 850 ئىمام، 122 موللا، 20 مۇئەززىن ۋە 33 تالىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
دوكلاتتا بۇ شەخسلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەر، ئاممىۋى ياكى شەخسىي ھۆججەتلەردىن ئېرىشىلگەنلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار رەسمىي ھۆججەتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىشى سەۋەبلىك، كۆپىنچە ئەھۋالدا دەلىل-ئىسپاتلارغا ئېرىشىشنىڭ ئىنتايىن تەس ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئىماملار «رادىكال پىكىر تارقىتىش»، «ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان تەرىقىدە ئاممىنى توپلاش»، «بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى قوزغاش» قاتارلىق تۆھمەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دىنىي زاتلارنىڭ ئاساسلىق جىنايىتى ۋەز ئېيتىش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىماملىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەش ئىكەن.
دوكلاتتا، تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي زاتلارنىڭ %96 ىنىڭ كەم دېگەندە بەش يىللىقتىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا، 25% ىنىڭ 20 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە 14 ىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا يەنە بۇ كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلىنغان جازالار ھەققىدىكى رەسمىي سوت ھۆججىتىنى تېپىشنىڭ تەس ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، بۇنى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» دەپ سۈپەتلىگەنلىكى، ھالبۇكى، ئېرىشىلگەن ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭمۇ خىتاي تەرىپىدىن رادىكاللىشىش دەپ قارالغانلىقى بايان قىلىنغان.
ب ب س بۈگۈن بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، خەۋەردە خىتاي قانۇنى مۇتەخەسسىسى، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دونالد كىلاركنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى نەقىل قىلىنغان. ئۇ سۆزىدە: «ئاشقۇنلۇق تارقىتىش، دەپ ئاتالغان جىنايەتنىڭ توغرا ئەيىبلەش ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى مۇنازىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بۇ ئەيىبلەشنىڭ ئاساسى بار-يوقلۇقىغا قاراپ باقايلى. بۇ ئەيىبلەشلەرگە ئاساس قىلىنغان ئىشلار ئىچىدە ساقال قويۇش ۋە ھاراق ئىچمەسلىكمۇ بار. يەنى بۇ ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسى يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن پېتېر ئىرۋىن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، ئىماملارنى نىشانلاشنىڭ ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ «جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىر يەرگە توپلاش كۈچى» بارلىقى، يەنى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئىماملارغا كۆز تىكىپ كەلگەنلىكى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە يەنە شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ پۈتكۈل خىتاي نوپۇسىنىڭ %1.5ىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، ئەمما قولغا ئېلىنغانلارنىڭ %21ىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، خىتاي تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ سانىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ كۆرۈنەرلىك ئېشىشقا باشلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
جازا لاگېرى مەسىلىسى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەندىن كېيىن، خىتاي رېجىمى ئىنكار قىلىشتىن، ئېتىراپ قىلىشقا ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ ئورۇنلارنىڭ تەربىيەلەش لاگېرى ئىكەنلىكىنى، 2019-يىلى ھەممەيلەننىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرگەن»لىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئېتىقادنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايۋاتقانلىقىنى جار سېلىپ كەلمەكتە. ئەمما ئىز-دېرىكى بولمىغان دىنىي زاتلارنىڭ، زىيالىيلارنىڭ، سەرخىللارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1181 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2021 18:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق