ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيدتىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ھېيت قىلدى

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئولدىبازا ماركىت مەسچىتىدە روزا ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ھېيت ئۆتكۈزگەن.
توپلىشىپ ھېيتلىشىش پائالىيىتىنى ئادېلەيد شەھىرىدىكى «قەدىناس ياشلار گۇرۇپپىسى» تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە 200 گە يېقىن ئۇيغۇر قاتناشقان.
يىغىلغان جامائەت ھېيت نامىزىنى ئۇيغۇر قارىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىرلىكتە ئوقۇغان ۋە نامازدىن كېيىن ھېيتلىق پائالىيىتىنى باشلىغان.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن بالىلارغا ھېيتلىق تارقىتىلغان بولۇپ، ئارقىدىن بالىلارغا خاس نومۇرلار كۆرسىتىلگەن. ئاخىرىدا ئاۋسترالىيەدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان، نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلگەن.
خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك بۇ يىللىق روزا ھېيتمۇ تۈرلۈك چەكلىمىلەر ئىچىدە كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ھېيت كۈنىنى ئوخشىمىغان تەرىقىدە ئۆتكۈزمەكتە. جۈملىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلەر سەۋەبلىك پەقەت ھېيت نامىزى ئوقۇيالىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق روزا ھېيتنى ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتا.

بۇ خەۋەر 1074 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2021 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق