ئامېرىكا بىر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا «2020-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، بىر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 12-ماي «2020-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن يەنە سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ ئىشخانىسىنىڭ ئاتالمىش «بىدئەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى»نىڭ سابىق مۇدىرى، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى خالىغانچە باستۇرغان يۈخۈي ئىسىملىك خىتاي ئەمەلدارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئانتونى بىلىنكېن باياناتىدا: «بۈگۈن مەن يۈخۈيگە جازا يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلايمەن. ئۇ فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىنسانىي ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلدى. يۈخۈي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھازىردىن باشلاپ ئامېرىكىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دېگەن
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا ئامېرىكىنىڭ ھەر خىل مۇۋاپىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، خىتاي ۋە باشقا رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دانىيال نادېل (Daniel Nadel) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەھشەتلىك ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. ئۇ باياناتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك جازا لاگېرىغا سولىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە باشقا ئىشلارغا مەجبۇرلانغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگىچە كىرىپ ئۇلارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، سىرتقا چىقىش ئۈچۈنمۇ رۇخسەت ئېلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ياۋايى سىياسەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرگە قارشى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە جازالاش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئادالەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «2020-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى»دىكى مۇساپىرلار سىياسىتى بابىدا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى ئۆز دۆلىتىدىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەل قىلىش، شۇنداقلا ئۇلارنى ئۆز يۇرتىدا تۇرالايدىغان ياكى يۇرتىغا قايتالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش. ئەگەر بۇ ئەھۋال ھەل قىلىنمىسا، ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىدۇ» دېگەنلەر بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 856 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2021 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق