تەيۋەن خىتايغا بېرىپ ئىشلەشكە ئالاقىدار ئېلانلارنى چەكلىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 12-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى يېقىندا خىتايغا بېرىپ ئىشلەش ھەققىدىكى خىزمەت ئېلانلىرىغا چەكلىمە قويغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى يېقىندا تەيۋەندىكى بارلىق چەت ئەللىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سۇپىلىرى ۋە ئېلانچىلىق شىركەتلىرىنىڭ ئېلان ئارقىلىق خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ خىتايغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەملىشىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بۇ يېڭى بۇيرۇققا ئاساسەن، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سۇپىسى ۋە ئېلان شىركەتلىرىنىڭ باشقا ھەر قانداق شىركەتنىڭ خىزمەتچىلەرنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئەۋەتىپ ئىشلەتكۈزۈشىگە ياردەم قىلىشى ياكى ۋاكالەتچىلىك قىلىشى چەكلىنىدىكەن.
فىرانسىيەنىڭ «رەقەملىك ئەسىر» ناملىق تور بېكىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەدبىر تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدە تەيۋەندىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
تەيۋەن ئىختىساسلىقلارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان، تەيبېي بىلەن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ بۇيرۇقنى چىقارغان بولۇپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتى قوللانغان بۇ قاتتىق تەدبىر خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەيۋەننىڭ بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق، مۇھىم تېخنىكىلارغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خەتەرلىك بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭمۇ خادىملارنى قوبۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەت باھانىسى بىلەن ئۇلارنى خىتايغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 841 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2021 17:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق