خىتاي خۇاۋېي سەۋەبلىك شىۋېتسىيەدىن ئۆچ ئېلىشنى پىلانلىماقتا

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ 12-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شىۋېتسىيەنىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G تېخنىكىسىنى چەكلىشىگە قارىتا قارشى تەدبىر ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، شىۋېتسىيەنىڭ ئېرىكسون شىركىتى (Ericsson) خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش نىشانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋېتسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، خۇاۋېينىڭ 5G تېخنىكىسىنى ۋە ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن. خۇاۋېي بۇ قارارغا قارشى شىۋېتسىيە سوتىغا ئەرز سۇنغان بولۇپ، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە سوتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىنى ئېلان قىلىشى مۆلچەرلەنگەن.
خىتاينىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ ئېرىكسون شىركىتىگە قارشى ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشتىن بۇرۇن، شىۋېتسىيەنىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە قويغان چەكلىمىنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن «ئاخىرقى پۇرسەت» بەرگەن.
خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇسى يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئېرىكسون شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى زور كۆلەملىك 5G تورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى-قاتنالماسلىقى شىۋېتسىيەنىڭ خۇاۋېيغا بولغان مەيدانىنى ئۆزگەرتىشىگە باغلىق ئىكەن.
نۆۋەتتە ئېرىكسون شىركىتىنىڭ ئىستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلغان. شىۋېتسىيە تاشقى سودا مىنىستىرلىكى باياناتچىسىمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 12-ماي ئېرىكسوننىڭ پاي چېكى باھاسى %4 كە يېقىن چۈشۈپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر 755 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2021 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق