ياشانغانلار خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتا

يېقىندا كۈندە دېگۈدەك ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنىڭ دەل ئەكسىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم ھالدا كېچە-كۈندۈز خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى ياشانغان كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا كىچىك ئورۇندۇقلارنى كۆتۈرۈپ، مەھەللە كومىتېتىغا خىتاي تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ماڭغانلىقى، يەنە بىر سىندا باشقا شەھەردىكى بىر مەھەللە كومىتېتىدا كۆپىنچىسى ياشانغانلاردىن تەركىب تاپقان ئەرلەرنىڭ مەجبۇرىي خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ۋە تىل-يېزىقىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى سىياسەتلىرىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق جىنايەتلەرنى سادىر قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 1210 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2021 16:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق