تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 13 مىڭغا چۈشتى (12-ماي)

12-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 13029گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 228 مىڭ 192 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 13029 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1496 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 232 كىشى قازا قىلىپ، 35167 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 801 مىڭغا، قازا قىلغانلار 43821 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2827 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 669 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2021 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق