ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى كەسكىنلەشمەكتە

بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىغا چۈشۈپ ياراشتۇرۇشىغا قارىماي بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاماس تەشكىلاتى تېل ئاۋىۋ رايونىغا راكېتا بىلەن ھۇجۇمى قوزغىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ھۇجۇمغا قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانياھۇ پەلەستىندىكى ھاماس ۋە باشقا ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ھۇجۇمنىڭ كۈچىنى ۋە سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىزمۇ غەززەدىكى نىشانلارغا قارىتا ھازىرغىچە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە ئىسرائىلىيە 10-ماي كۈنىدىن باشلاپ، «شەھەر سېپىلىنى قوغداش» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى قوزغاپ، غەززە رايونىدىكى 500 نىشانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئونلىغان پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان. 11-ماي كېچىسى ۋە 12-ماي ئەتىگەندە تېل ئاۋىۋدا كۆپ قېتىم راكېتا بومبىسى مۇداپىئە سىگنالى تارقاتقان. كىشىلەر بۇ شەھەردىن كەلگەن پارتلاش ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغان. تېل ئاۋىۋنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى لودقا قارىتىلغان راكېتا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە ئىككى ئادەم قازا قىلغان. رىچون لېزىئون ۋە ئاشكېلوندا ئۈچ ئادەم قازا قىلغان. پەلەستىندىكى ھاماس ۋە باشقا ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈن ئەتىگەندە غەززە رايونىدىن نەچچە يۈز راكېتامىيوت ئاتقان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا ھاماسنىڭ ئىشخانىسى بار دەپ قارالغان ئېگىز بىنالارنى ۋەيران قىلغان.
غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ھۇجۇمىدا 35 پەلەستىنلىك بالا قازا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 12 بالىمۇ بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 752 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2021 16:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق