خىتاي بېلگىيەنى «ئىچكى ئىشلىرى»غا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بېلگىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى سوفىي ۋىلمىس (Sophie Wilmès) 8-ماي تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بىلەن خوڭكوڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋاڭ يى تېلېفون سۆھبىتىدە خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى ۋە تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى، ئۇلار بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، بىر-بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى ۋە سۆھبەت ئارقىلىق چۈشىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بېلگىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىجابىي رول ئويناپ، خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي بېلگىيەنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقىنى، خىتاي بازىرىنىڭ بېلگىيەگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، بېلگىيەنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ۋاڭ يى سۆزىدە يەنە كونا پەدىسىدە شەرقىي تۈركىستان بىلەن خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىگە ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل خىتاي بىلەن بېلگىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى بولۇپ، بېلگىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋىلمىس سۆھبەتتە، بېلگىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، سودا، دېھقانچىلىق، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەسلى 5-ماي بېلگىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، گۇۋاھلىق بېرىشكە گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم تەكلىپ قىلىنغان. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن نامەلۇم كىشىلەرنىڭ بېلگىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا قىلغان تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بىر نەچچە ھەپتە كەينىگە سۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 754 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2021 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق