خىتاي يېڭى نوپۇس ئىستاتىستىكا نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

خىتاي نوپۇس تەكشۈرۈش تارماقلىرى 11-ماي خىتاينىڭ 7-قېتىملىق ئومۇمىي نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد 411 مىليون 780 مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ %18نى ئىگىلىگەن. خىتايدىكى ئوتتۇرىچە ياش نىسبىتى 38.8 ياش، 15 ياشتىن 58 ياشقىچە بولغانلارنىڭ 894 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ئەمگەك كۈچىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 25 مىليون 852 مىڭ ئىكەنلىكى، خىتاي نوپۇسىنىڭ %1.83 نى ئىگىلىگەنلىكى، 2010-يىلىدىكى نوپۇس سانىدىن %0.2 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، بۇ ھەقتىكى دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2017-يىلدىن بۇيان زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰15.88 دىن ‰8.14 گە چۈشۈپ قالغان. يەنى قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە %50 كە يېقىن تۆۋەنلىگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش سۈرئىتىمۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، 2017-يىلىدىكى ‰11.4 دىن 2019-يىلى ‰3.69 گە چۈشۈپ، %67 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن.
2010-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، خىتايدا 72 مىليون نوپۇس كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. بولۇپمۇ 2017-يىلدىن كېيىن خىتايدىكى يېڭىدىن كۆپىيىش نىسبىتىدە روشەن تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2025-يىلى خىتاينىڭ نوپۇسى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەندىن كېيىن تۆۋەنلەشكە باشلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي نوپۇسىدىكى قېرىلىشىش نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقىمۇ خىتاينىڭ يېڭى باش قېتىنچىلىقىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىمۇ خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تېز تۆۋەنلىشىنى ئۆزگەرتەلمىگەن بولۇپ، بۇ خىل يۈزلىنىش بويىچە 2030-يىلغا بارغاندا، خىتايدىكى 65 ياشتىن يۇقىرىلار تەخمىنەن %18 كە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ياۋروپا ياكى سىنگاپورغا ئوخشاش تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى، ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبلىك خىتاي نوپۇسىنىڭ تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ، نوپۇس قېرىلىشىش كىرىزىسىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۇقىرى تەمىنات بىلەن كۆچۈرۈشنى تېزلەتكەن. خىتاينىڭ 21-ئەسىر ئىقتىساد تورىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان كۆچمەن نوپۇس سانىنىڭ كۆپلۈكىدە خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇنغا چىققان بولۇپ، 2015-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان تۆت يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانغا 840 مىڭ خىتاي ئاققۇنلىرى كۆچۈپ كەلگەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇ ساننىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 880 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2021 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق